پىروگراممېرلار ئۈچۈن بىلىم قۇرۇلمىسىنى پۇختىلاشقا تەۋسىيە كىتابلار
ئارىمىزدا ئالىي مەكتەپ ئوقۇپ باقمىغان ياكى ئالىي مەكتەپتە كومپىيوتېر كەسپىدە ئوقۇمىغان بولسىمۇ لىكىن پىروگراممىنى ژىتىۋىتىدىغان تالانىتلىقلار ئاز ئەمەس . ئۆزەمنى ئىلىپ ئىيتساممۇ ھەم شۇنداق . مۇنتىزىم كومپىيوتېر ئىلمىدە ئوقۇپ باقمىغان ، پىروگرامما دۇنياسىدا ئۆزەمنىڭ قىززىقىشى ۋە ئىزدىنىشلىرى نەتىجىسىدە ئاز تولا نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردۈم . مۇنداقلا ئىيسام مەن بىراقلام ئەمەلىي كود يېزىش باسقۇچىغا ئۆتۈپ كەتكەن پىروگراممېر ھىسابلىنىمەن .كومپىيوتېر ئىلمى توغۇرلۇق نەزىرىۋىي بىلىمىم ئىنتايىن چەكلىك .
پىروگراممېرلارغا نىسبەتەن ئىيتقاندا كود بېسىشنىلا بىلىش بەكمۇ يىتەرسىز ئىش بولۇپ ، مۇۋاپپىق ھالدا كەسپىي نەزىرىۋىي بىلىملەرنى پۇختىلاش ۋە تولۇقلاش تولىمۇ زۆرۈردۇر . مۇشۇ نۇقتىلارنى ھىس قىلغاندىن باشلاپ تەجىربىلىك بۇرادەرلىرىم ۋە تونۇشلۇرۇمنىڭ تۈرتكىسىدە ۋە ئۆز ئىھتىياجىمنىڭ تەقەززاسىدا مۇناسىۋەتلىك كومپىيوتېر ئىلمى توغۇرىسىدىكى نەزىرىۋىي بىلىملەرنى تولۇقلاۋاتىمەن . ھەمدە مۇشۇ تېمىمىزنىڭ مەركىزى نۇقتىسى بولغان "پىروگراممېرلار ئۈچۈن بىلىم قۇرۇلمىسىنى پۇختىلاشقا تەۋسىيە كىتابلار " غا ئالاقىدار بىر قانچە ماتىريال كىتابلارنى ئورتاقلاشقۇم كەلدى . ئەلۋەتتە بۇ كىتابلارنىڭ بەزىسى مەن پايدىلىنىۋاتقان كىتابلار، يەنە بەزىلىرى تېخى مەن ئوقۇشقا ئۈلگۈرمىگەن كىتابلار . بۇ كىتابلار كومپىيوتېر ئىلمى توغۇرسىدىكى تەۋسىيىلىك ۋە چوقۇم ئىگەللەش تەلەپ قىلىنغان كىتابلاردۇر. مەن بىلەن ئوخشاش ئويدا بولىۋاتقانلار ئۈچۈن پايدىلىنىش ماتىريالى ياكى ئاز بولسىمۇ ھەركەتلەندۈرگۈچ كۈچ بوپ قىلىشى مومكىن .
算法导论
بۇ كىتاب بىرىنجى تەۋسىيە بولۇپ ، پىروگرامما تىلى كىتابلىرى ئىچىدە ئەڭ ئالقىشقا ئېرىشكەن ۋە تەۋسىيە قىلىغان قورال كىتابدۇر. دىمىسىمۇ مېنىڭ ھىس قىلىشىمچە 算法 بىلىش پىروگراممېرلارنىڭ ئەڭ ئەقەللىي تەلىپىدۇر .
计网络算机
بۇ كىتاب كۆپىنچە ئالىي مەكتەپلەرنىڭ كومپىيوتېر كەسپىنىڭ زۆرۈر ئوقۇشلۇقى سۈپىتىدە ئۆتىلىدىغان دەرىسلىك كىتابدۇر . دىمەك ئالىي مەكتەپتە ئوقۇپ باقمىغان ياكى كومپىيوتېر كەسپىدە ئوقۇمىغان پىروگراممىرلار ئۈچۈن بۇ كىتاب تولىمۇ ماس كىلىدۇ . بۇ كىتاب ئارقىلىق ئالىي مەكتەپتە ئۆتىلىدىغان كومپىيوتېر تور دەرىسلىكنىڭ ئاساسىي مەزمۇنلىرىنى ئىگەللەشكە بولىدۇ . شەخسەن بۇ كىتابنى مەن ھازىر كۆرىۋاتىمەن .
深入理解计算机系统
بۇ كىتابمۇ چوقۇم ئىگەللەشكە تېگىشلىك بولغان زۆرۈر بىلىم نۇقتىلىرى سۆزلەنگەن كىتاب بولۇپ ، كومپىيوتېر مەشخۇلات سىستېمىسى ھەققىدىكى كىتابلارنىڭ سەركىسى ۋە تەۋسىيە كىتابدۇر .
计算机组成原理
بۇ كىتابمۇ ئالىي مەكتەپتە ئۆتىلىدىغان كومپىيوتېر ئىلمى دەرىسلىك كىتابلرىنىڭ بىرى بولۇپ ، كومپىيوتېرنىڭ تۈزۈلىشى ۋە خىزمەت پىرىنسىپىنى چۈشىنىش پىروگراممېرلارغا نىسبەتەن چوقۇم ھازىرلاشقا تىگىشلىك شەرت ھىسابلىنىدۇ .
图解TCP/IP
بۇ كىتاب ئاساسلىقى TCP/IP ۋە http لار ھەققىدە تەپسىلىي توختالغان كىتاب ، نۆۋەتتە مەنمۇ بۇ كىتابنى كۆرۈپ پايدىلىنىۋاتىمەن . مەزمۇنى چۈشىنىشلىك ھەمدە TCP/IP لارنى چۈشىنىش زۆرۈې بولغاچ بۇ كىتابنىمۇ تەۋسىيە قىلىمەن
编码:隐匿在计算机软硬件背后的语言
بۇ كىتان جىڭدوو تورىدىكى تەۋسىيە كىتابلارنىڭ بىرسىكەن . ئىنكاسلىرىغا قارىسام ياخشى كىتاب چىراي .شۇڭا تەۋسىيە قىلغۇم كەلدى .
程序员的数学
بۇ كىتابنى 知乎 تورىدا بىر تورداش تەۋسىيە قىپتىكەن . قارىسام خىلى ياخشى ئىنكاسلىق كىتابكەن ، ماتىماتىكىسى ئاجىز ياكى تازا ئۆزىگە ئىشەنچىسى يوقلار ئۈچۈن قورال كىتاب بولالىغۇدەك . بۇ كىتابنى تېخى كۆرمىدىم . ( ماتىماتكىدا 100 نومۇرلۇق سۇئالدا 99 ياكى 98 ئالاتتىمچۇ شۇڭا )
تولۇقلىما : يۇقارقى كىتابلارنى جىڭدوڭ تورىدىن سېتىۋىلىشقا بولىدۇ . ( ئادەتتە جىڭدوڭدىنلام مال سېتىۋالىمەنچۇ . )
يۇقارقى مەزمۇنلار ئۆزۈمنىڭ كۆز قاراشلىرى ۋە توردىكى مەنبەلەرگە ئاساسلىنىپ رەتلەنگەن بولغاچ ، خاتالىق ۋە يىتەرسىزلىكلەرنىڭ بولىشى تۇرغانلا گەپ . ئۈمۈدۈم كومپىيوتېر ساھاسىدىكى ئۇستازلارنىڭ ۋە ئالىي مەكتەپتە كومپىيوتېر كەسپىدە ئوقۇغان ئۇستازلارنىڭ تەنقىدىي-تەكلىپ پىكىرلەرنى بىرىشىنى سەمىمىي قوبۇل قىلىمەن . ھەم تورداشلارنىڭمۇ ئۆزى كۆرىۋاتقان ياكى ئۆگىنىپ پايدىلىنىپ باققان ياخشى كىتابلارنى بىز بىلەن ئورتاقلىشىشىنى ئۈمىد قىلىمەن .
بۇ مەنزىلدە ئۆزۈم پايدىلىنىپ كىلىۋاتقان ھەمدە قىممىتى بار دەپ قارىغان بىرنەچچە كىتابلارنى سىلەر بىلەن ئورتاقلىشىپ تۇرىمەن .