V پروگرامما تىلى پروگراممىرلىق تەسراتى

ياخشىمۇ بۇرادەرلەر

خىزمەت ئالدىراشچىلىقى، ئەتىتى پەتىتى دەپ ھەر خىل سەۋەبلەر بىلەن سىلەر بىلەن تېخنىكا ۋە تەجرىبە ئورتاقلىشىش، بىرلىكتە تەتقىق قىلىپ ئۆگىنىش ئارزۇلىرىم يىللارنى ئاتلىدى،

ئەمما بۈگۈننىڭ خەيىرلىك باشلىنىش بولىشىنى ئۈمۈد قىلىمەن.


V پروگرامما تىلى پروگراممىرلىق تەسراتى

Programming exprience of V programming language


0x00 بۇ نىمە؟

v پروگرامما تىلى (V programming language) بولسا Google golang, Mozilla rust پروگرامما تىللىرىنىڭ ئەۋزەللىكلىرى ئاساسىدا يىڭىدىن بارلىققا كەلگەن سۇپا ھالقىغان سىستېما دەرىجىلىك پروگرامما تىلى بولۇپ C پروگرامما تىلىنى ئارقا تەگلىك قىلىدۇ، يەنى V پروگرامما تىلى ئەسلى كودى ماشىنا كودىغا تەرجىمىلىنىشتىن بۇرۇن (Compiling) ئاۋال ئۆلچەملىك بولغان C پروگرامما تىلى ئەسلى كودىغا (C source code) تەرجىمىلىنىدۇ، ئاندىن ھەر قايسى مەشغۇلات سىستېمىلىرىدىكى مۇناسىۋەتلىك تەرجىمىلىگۈچ (Compiler) لەردىن ئۆتۈپ تەرەپ قىلغۇچ (CPU) نىڭ بۇيرۇق توپلىمى (Instruction set) ھەمدە ئىجرا ھۆججىتى فورماتىغا ئايلىنىدۇ،


(چۈشىنىشلىك قىلىپ ئېيتسام ئاۋال بۇ پروگرامما تىلى س پروگرامما تىلى ئەسلى كودىغا ئايلىنىدۇ، ئاندىن بۇنىڭ ئاخىرى خۇددى قول بىلەن بىۋاستە س پروگراممىسىنى قانداق ئىجرا قىلىشقا ئوخشاش)

0x01 نىمىشقا؟

 https://vlang.io/ ئىگە تەرەپ تور بېتىدىن نەقىل كەلتۈرۈشۈمچە بۇ پروگرامما تىلىنىڭ مۇنداق ئالاھىدىلىكلىرى بار:

0x00: تەرجىمىلەش سۈرئىتى قەبىھ تىز (Fast compilition)

0x01: ئاددىي ھەم ئىخچام گىرامماتىكا، ئاسراش چىقىمى تۆۋەن (Simple syntax and easy for maintain)

0x02: بىخەتەرلىكى، يەنى سىزنى بۇ پروگرامما تىلى تەبئىي ھالدا Null safety قاتارلىق خاتالىقلاردىن ساقلىنىش ئۈچۈن توغرا تەرەققىيات يولىغا يىتەكلەيدۇ (for example: no null, no undefined behavior, no variable shadowing, immutable variables by default, easy for error handling etc.)

0x03: ئىجرا بولغاندىكى تىزلىكى يۇقىرى (High performance)

0x04: ئىچكى ساقلىغۇچ باشقۇرۇش مىخانىزىمى قايتىدىن لاھىيەلەنگەن (Innovative memory management)

0x05: ئىسسىق كود يىڭىلاش (Hot code reloading)

0x06: گىرافىك بىر تەرەپ قىلىشقا قارىتا قوللىشى ياخشى (Powerful graphic processing library)

0x07: سۇپا ھالقىغان كۆرۈنمە يۈزلۈك پروگرامما ئېچىش رامكىسى بىلەن تەمىنلىگەن، نۆۋەتتە Linux, macOS, Windows, Android, iOS لارنى قوللايدۇ (Cross platform native GUI libraries)

0x08: سۇپا ھالقىپ تەرجىمىلەش (Cross compiling) نى قوللايدۇ، يەنى بىز Linux مەشغۇلات سىستېمىسىدا تۇرۇپ پروگراممىمىزنى Windows مەشغۇلات سىستېمىسى ئۈچۈن بولاقلىيالايمىز

0x09: پروگرامما ھاسىللاش ۋە تايانمىلارنى باشقۇرۇش راھەت (Painless deployment and dependency management)

0x10: ھەر قانداق مەشغۇلات سىستېمىسىدا يۈرگۈزەلەيمىز، V پروگرامما تىلىدىن ھاسىللانغان C پروگراممىسى كودى LLVM, GCC قاتارلىق تەرجىمىلىگۈچلەرنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك ئەلالاشتۇرۇلۇشى بىلەن ئەڭ زور ئۈنۈمدارلىقتا ئىجرا بولالايدۇ (Run anywhere, backend by strong compiler platforms like LLVM, Gcc) 

0x11: 

xxx

0x12:

yyy

0x13:

zzz


ئاخىرىنى ئۆزىڭىز تېپىڭ lol lol lol


نەزىرىيەنى قويۇپ ئەمەلىيەتتىن بىر دىيىشىپ باقىلى

شەخسەن ئۆۈمنىڭ تۆۋەن قاتلام پروگرامما تىللىرىغا ۋە مەشغۇلات سىستېمىسى، پروگراممىلارنىڭ مىخانىزىمى خىزمەت پىرىنسىپىغا نىسبەتەن ئالاھىدە ئىشتىياقىم بولغاچ بۇ ئىشتىياقنىڭ ئىسكەنجىسىدىن قۇتۇلالماي C++, GoLang, Vala, QT قاتارلىق مەشغۇلات سىستېمىسى دەرىجىلىك پروگرامما تىللىرى ۋە ئېچىش تېخنىكىلىرى ھەققىدە ئۇزۇن ۋاقىت ئىزدەندىم،


ئەمەلىيەتتە ھازىر بار بولغان پروگرامما تىللىرى ئاللىبۇرۇن تولىمۇ كۈچلۈك ھەم پىشىپ يېتىلگەن بولسىمۇ ئەمما يۈرىكىمدە ئۇلارنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمىغا نىسبەتەن بىر داغ بار،

مەسىلەن ئالايلۇق .Net ئاساسىدىكى c#, Jvm ئاساسىدىكى Java, Kotlin, Scala قاتارلىقلار، GoLang دىگەنلەرنىڭ ھەممىسى ئىچكى ساقلىغۇچنى ئاپتوماتىك باشقۇرىدۇ، بۇ بىز پروگراممىرلارنىڭ بەك نۇرغۇن ۋاقتى ھەم زىھنىنى تىجەپ بېرىدۇ، ئەمما بۇنىڭ چىقىمى بار،


مەسىلەن JVM ئاساسىدىكى پروگراممىلارنىڭ ئىچكى ساقلىغۇچ ئىگىلىشى بەك يۇقىرى، يەنە تىخى ئارتۇقچە ئىچكى ساقلىغۇچ ھەم ھېسابلاش بايلىقىنى سەرىپ قىلىدۇ،


بىز كۈندىلىك تۇرمۇشتا ئىشلىتىدىغان ئادەتتىكى بىرەر تال ئەپ ياكى پروگراممىلارغا يۇقارقىلارنى ئويلىشىپ كېتىشنىڭ ئالاھىدە زۆرۈرىيىتىمۇ يوق، ئەمما ئىچكى ساقلىغۇچنى ئاپتوماتىك باشقۇرىدىغان پروگرامما تىللىرى بەزى ساھەلەرنى قاپلىيالمايدۇ،


مەسىلەن ئويۇن ماتورى ئېچىش، گىرافىك بىر تەرەپ قىلىش،  مەشغۇلات سىستېمىسى، كۈچلۈك ھېسابلاش بايلىقى ۋە تىزلىكنى تەلەپ قىلىدىغان ساھەلەر، مىكرو كونتىروللىغۇچ ئۆزىكى پروگراممىرلىقى قاتارلىقلار،

بۇلارنىڭ ھېسابلاش بايلىقى ۋە قاتتىق دېتال بايلىقىغا بولغان تەلىۋى ئىنتايىن يۇقىرى، ئەڭ يۇقىرى ئۈنۈمدە قاتتىق دېتال بايلىقىدىن پايدىلىنىش ئۈچۈن باشقا ئىچكى ساقلىغۇچنى ئاپتوماتىك باشقۇرىدىغان يۇقىرى دەرىجىلىك پروگرامما تىللىرى بۇلارغا ماس كەلمەيدۇ،


يەنى بىز دەۋاتقان يۇقىرى دەرىجىلىك پروگرامما تىللىرىنى تۆەن دەرىجىلىك پروگرامما تىللىرى ئارقىلىق بارلىققا كەلتۈرىدۇ،


شۇڭا گەپنى قىسقا قىلغاندا راستىنى دىسەم مەن تەتقىق قىلىپ ئوينايدىغانغا بىر پروگرامما تىلىغا مۇھتاج:

  1. گىرامماتىكىسى ئۇز، چىرايلىق ھەم كىلىشكەن بولىشى كىرەك، 

2. ئىش ئۈنۈمى يۇقىرى بولىشى كىرەك

3. Runtime GC بولماسلىقى كىرەك ياكى بەك ئاز بولىشى كىرەك


Vala, GoLang, Rust 

C++

جەمئىي 0 ئىنكاس يېزىلدى
جۇغلانما ئەگەشكۈچى ئەگەشكىنى
24 3 0
Follow Learnfans

Github Weibo